ئۈمىد قىلغان نەتىجىلەرنى تاپالمىسىڭىز، باشقا ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

مەخسۇس سەھىپىلەر

قىززىق مەزمونلار

يېڭى مەزمونلار

خۇدىنى يوقىتىش خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش

تۆۋەندىكى نەتىجىدىن مەمنۇن بولمىسىڭىز، باشقا ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئىزدەش نەتىجىسى:

خۇدىنى يوقىتىش خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش

بۇ خىل تۇتقاق تۇتۇش يۈز بەرگەندە، بىمار  5-15 سىكونتقىچە ئەتراپقا بولغان دېققىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا، بىمار جىممىدە بوشلۇققا قاراپ تۇرۇپ ھاڭۋىقىپ قالىدۇ . بىمارنىڭ كۆزى قۇيرۇقى ۋەيا ئاغزى بىلەر بىلمەس تىترەيدۇ، بەدەندە باشقا چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇ ۋاقىت ئارىلىقىدىكى خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ تۈردىكى تۇتقاقلىقنى بايقاش ناھايىتى تەس. بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ ھەم ۋاقتىدا بايقالمايدۇ. بۇ بالىلار مەكتەپتىكى ئوقۇش ئىپادىسى سەل ناچار، ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەنراق بولىدۇ.

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى (تارتىشىپ قېلىش)

تۇتقاقلىق بۇ كېسەللىكنىڭ ئومۇمىي ئىسمى بولۇپ، تارتىشىپ قېلىش بولسا بۇ كېسەللىك قوزغالغاندا بىمار بەدىنىدىكى بىنورمال بەدەن ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك (ئۇزۇن مۇددەتلىك) كېسەللىك بولۇپ ، نورمال ئېلېكتىر پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ بەزى بىنورمال دەرىجىدىكى ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىنورمال ئېلېكتىر پائالىيەتلىرى كېلىپ چىقىشى ۋە نەتىجىدە تۇتقاق تۇتۇش پەيدا بولىدۇ.